ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى! مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى!

2025.10.11 14:32 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 20 دىن باشلاپ، G 217 لىنىيەسىدىكى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى قىش پەسىللىك تاقىلىدىكەن، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سورايمىز.

2025-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ پائال قوللىشى، ماسلىشىشىدا، ئومۇمىي جەھەتتىن نورمال قاتناش ساقلىنىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، قولاي سەپەرگە چىقىشى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. يېقىنقى مەزگىلدىكى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە يول يۈزى قاتناش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ تاغلىق رايون يول بۆلىكىدە قار ياغىدىغان بولۇپ، قاتناشتا بىرقەدەر زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن، ئاممىنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 20 دىن باشلاپ G 217 لىنىيەسىدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولى قىش پەسىللىك تاقىلىدىكەن، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى چەكلىنىدىكەن. 2026-يىللىق كونكرېت قاتناش باشلاش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ