مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2025.10.09 16:25 مەنبە: خەلق تورى

7000 نەپەر لېكسىيە ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى! 2025-يىلى ياشانغانلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانى ئېلان قىلىندى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2025-يىللىق ياشانغانلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، 2025-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا 7000 لېكسىيە ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكى، تەجرىبە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ياشانغانلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى ئىلتىماس قىلغان پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، يېشى ئادەتتە 65 (65 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشتىن تۆۋەن، مائارىپ-ئوقۇتۇش تەجرىبىسى مول بولۇشى كېرەك. لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار پىرىنسىپ جەھەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇشى، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك، ئەسلىدىكى ئورۇندىن پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتكە قايتا تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ياشانغانلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە بىر ئوقۇش يىلىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئۇدا لېكسىيە سۆزلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پىلاننى يولغا قويۇش دائىرىسى ناھىيەنى ئاساسىي بىرلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان مىللەتلەر ناھىيەلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ناھىيەلەر، چېگرا ناھىيەلەر ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تۈەن-مەيدانلىرى قاتارلىقلارغا يۈزلەندۈرۈلىدۇ، دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان-يۆلەيدىغان ناھىيەلەر، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇلىدۇ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مەكتەپلەر ناھىيە-بازار ۋە يېزا مەكتەپلىرى بولىدۇ. قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ، پىلان بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان 7000 لېكسىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاساسىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە بىڭتۈەننىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، باشقا بىرقەدەر ئاجىز ناھىيە، يېزا رايونلىرى ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا يۈزلىنىپ، پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرغاندا، ئەھۋالغا قاراپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يولغا قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ