«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك

2025.10.09 16:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 19 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ بىر قىسمى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتۈپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان - قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى تارىخىي ئاساس. جۇڭخۇا مىللىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى مىللەتلەر پەقەت ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە سىڭىشكەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق قوغدىشى، مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى شەرت. ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىدىكى مەدەنىيەت گېنى. شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى پارلاق سەھىپىسىنى يارىتىشتا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش شەرت. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە يېقىن ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك ۋاسىتە. ھەر مىللەت خەلق باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەن، ئۇلۇغ مىللەتكە مەڭگۈ پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق بولغان ھېسسىيات رىشتى باغلانغان. بۇ بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت زېمىندا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ماكانى بار، ئۇ دەل جۇڭگو؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ دەل جۇڭگولۇق؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ