شى جىنپىڭ تيەنجىن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

​دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

2025.10.09 16:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

تيەنجىن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. تيەنجىن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقى پەيتىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات ۋە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، تيەنجىن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقى پەيتىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات ۋە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

تيەنجىن داشۆنىڭ ئاساسى بېيياڭ داشۆ بولۇپ، 1895 - يىلى قۇرۇلغان، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى زامانىۋى داشۆ ھېسابلىنىلىدۇ، 1951 - يىلى نامى تيەنجىن داشۆ دەپ بېكىتىلدى. يېقىندا، تيەنجىن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ 130 يىلدىن بۇيانقى مەكتەپ باشقۇرۇش مۇساپىسى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ۋە پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ