شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سۈي شەنجى بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مۇستەھكەم، چوڭقۇر دوستلۇققا ئىگە. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. مەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۈي شەنجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يېقىندا مول ئەھمىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش چاۋشيەن تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان مەيدانى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن. چاۋشيەن تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى تامامەن قوللايدۇ، تەيۋەن، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە تارماقلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.