ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى ياللۇغنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار، تاماكا چەككۈچىلەر ۋە سېمىز كىشىلەر توپىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. پەن تەتقىقات خادىملىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر راك كېسىلى ۋە باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا تېخىمۇ قاتتىق ساغلاملىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر سانائەتلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، گازلىق سۇ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە خۇرۇچ مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن ھەمدە ئاسانلا زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش سېمىزلىك، راك كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار، ھەتتا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئېشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.