شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە»دە يازما ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىنوچىلىق كەسپىنى «باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىدىن ئوغرىلاپ كەتتى»، بۇ خۇددى «بوۋاقنىڭ قولىدىن كەمپۈت ئوغرىلىغانغا ئوخشاش» دەپ بىلدۈرگەن.
ترامپ مۇنداق دېگەن: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى «ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىز» بولۇپ، كالىفورنىيەنىڭ ئۇچرىغان زەربىسى ئىنتايىن ئېغىر. «ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەم مەڭگۈ ئايىغى چىقمايدىغان» بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا چېگراسى سىرتىدا ئىشلەنگەن بارلىق كىنولاردىن %100 تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ. شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرىگە تەرتىپنى دەرھال قوزغىتىش ھوقۇقى بېرىپ، ئامېرىكىغا كىرگەن، چەت ئەلدە ئىشلەنگەن بارلىق كىنولاردىن %100 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇ قىلمىش ئامېرىكا كىنوچىلىق كەسپىدىكى زاتلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.