9-ئاينىڭ 29-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باياناتچى گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: لەي چىڭدې دائىرىلىرى ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى دەستەك قىلىپ ياكى ئاتالمىش شەخسىي سالاھىيەت، غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ سالاھىيىتى بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرگە تىمىسقىلاپ بېرىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە دائىر يالغان-ياۋىداق سەپسەتىلىرىنى ھەدەپ تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەيدىغان رەزىل قىلمىشىدا يۈرىكىنى يوغىنىتىش ئۈچۈن تاشقى كۈچلەرنى ھەدەپ ئۆزىگە تارتىپ، ئۆز-ئۆزىنى ماختاش ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىقتىدارسىز قېلىشتەك مۈشكۈل ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇ رەزىل ئويۇنلار خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسى، رەزىل غەرىزى ۋە رەزىل ۋاسىتىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ قويىدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتەك ئاساسىي ئەندىزىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.