شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

​دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

2025.09.30 14:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى دىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يولداش جاڭ شۈنموۋ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز دىن خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىن خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىدە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقاندىلا، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش مۇقەررەر تەلەپ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلار باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلانغاندىلا، ئاندىن ساغلام ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دىن ساھەسىدىكىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىشكە، ئۆز - ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش − دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. دىن ساھەسىدىكىلەرنى دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدە، باشقۇرۇش تۈزۈمى، قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ - ئادەت، ھەرىكەت ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىشقا، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشقا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دىن ساھەسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ يول. ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ