جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.09.30 14:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى - سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھۆججەت ئارگىنالىنى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر تەكلىپ نۇسخىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق قارىدى: تەكلىپ نۇسخىسىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپتۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپتۇ، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جەزمەن پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ