20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى!

2025.09.30 14:13 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 29 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ