شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىم «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى» ۋە چوڭ تىپتىكى مەخسۇس پىروگرامما «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك لېكسىيە» 9-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنىدىن باشلاپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاۋمېن، شياڭگاڭ رايونىدىكى كۆپلىگەن ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى.
«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمىگە رەئىس شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن مۇھىم تېمىلار، ئۆزى پىلانلىغان ۋە تۈرتكە بولغان مەدەنىيەتنى قوغداشقا دائىر تەسىرلىك ھېكايىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مىللىي ھېسسىياتى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ھېسسىياتى نامايان قىلىنغان. پىروگراممىدا شى جىنپىڭ خىزمەت قىلغان ياكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان جايلار نەق مەيداندا زىيارەت قىلىنىپ، قىممەتلىك سۈرەت-سىن ماتېرىياللىرى ۋە ئاددىي-ساددا بايان قىلىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىپ، «مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت قىممەت قارىشى جانلىق چۈشەندۈرۈلگەن.
شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن مەخسۇس تېمىلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك لېكسىيە»دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە»، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» قاتارلىق مۇھىم بايانلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، 100 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيەت مىسالى ۋە 40 نەچچە كۆزەتكۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە قىممىتى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى جانلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىغا خاس ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل-پاراسىتى، كەڭ تارىخىي نەزەر دائىرىسى، روشەن خەلق مەيدانى كۈچلۈك نامايان قىلىنغان.
تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى» 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئاۋمېن رادىيو-تېلېۋىزىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاۋمېن تېلېۋىزىيەسى ئاۋمېن قانىلى، ئاۋمېن سىملىق تېلېۋىزىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمتۈرتكە ئاخبارات ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلدى، «ئاۋمېن گېزىتى»، «ئاۋام گېزىتى»، «شەھەر ئاھالىلىرى گېزىتى»، «خاۋجياڭ گېزىتى»، «ليەنخۇا ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تورغا چىقاردى؛ 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ شياڭگاڭ رادىيو ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى، داگۇڭ-ۋېنخۇي تورى ۋە ديەن خەۋەرلىرى قاتارلىق سۇپىلاردا تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلدى. چوڭ تىپتىكى مەخسۇس تېمىلىق پىروگرامما «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك لېكسىيە» 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئاۋمېن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى ھەم يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلىدۇ؛ 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ شياڭگاڭ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى 20 دىن ئارتۇق يەرلىك ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى پىروگراممىنىڭ كۆرسىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنىڭ پۈتۈن جەريانى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنغان، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن ھۆججەتلىك كىنو «غەلىبە كۈنىدىكى چوڭ ھەربىي پارات» ھەمدە «تاغ-دەريالار گۇۋاھ»، «سىزنىڭ ئاۋازىڭىز»، «دېرىزە سىرتىدىكى كۆك يۇلتۇز» قاتارلىق توققۇز نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ، ئاۋمېندا قويۇلۇپ، كەڭ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەننىڭ ئۇلۇغ شان-شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيدۇ.