شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە گەۋدىلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى. «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ ئاساس قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تارىخىي تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، مەزمۇنى - شەكلى، نىشان - ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا بولغان ھەيدەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى سىياسىي جەھەتتىن، ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن چوڭقۇر تونۇپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.