شى جىنپىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن جۇڭگو - كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى چياڭ كۇبانىڭ زۇڭلىسى ماررېرو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.09.30 14:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 65 يىل ئىلگىرى، كۇبا غەربىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش رەئىس بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە يېتەكلىدۇق. يېقىندا، يولداش رەئىس جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، مەن سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

دىئاز - كانېل كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى داجياڭ رائۇل بىلەن بىرلەشمە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ مۇنداق بىلدۈردى: 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، كۇبا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ سىجىل تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇر، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشى قويۇق بولدى، ئەنئەنىۋى قېرىنداشلىق مېھرى ۋە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، كۇبا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كۇبانىڭ زۇڭلىسى ماررېرو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن يولداش زۇڭلى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايمەن. ماررېرو مۇنداق بىلدۈردى: مەن سىز بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ