شى جىنپىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەكتىپى پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك

2025.09.30 14:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپى پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى، پارتىيە ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشى كېرەك. ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەربىيەسى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى كۈچەيتىپ، ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، مەكتەپنى سۈپەت ئارقىلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۇرسانتلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بايلىق كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەملىكەت بويىچە پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەن مۇدىرى) چېن شى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەكتىپى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەكتىپى پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەدە چارە - تەدبىر كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، مەكتەپنى سۈپەت ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇيجوۋ قاتارلىق بەش ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى شۆبە مەكتىپى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى شۆبە مەكتىپىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ