كورېيە جۇڭگولۇق كوللېكتىپ ساياھەتچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ، بۈگۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ

2025.09.29 14:29 مەنبە: خەلق تورى

كورېيە ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جۇڭگولۇق كوللېكتىپ ساياھەتچىلەرگە قارىتا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى.

ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، جۇڭگولۇق ئۈچتىن ئارتۇق كوللېكتىپ ساياھەتچى كورېيەگە ۋىزىسىز كىرسە ھەمدە 15 كۈن تۇرسا بولىدۇ. جىجۇ رايونىغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ساياھەتچىلەر ۋىزىسىز چېگرادىن كىرسە ھەمدە 30 كۈن تۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ