جۇڭگو كۆپ ئاۋاز بىلەن ئۇدا سايلاندى!

2025.09.29 14:28 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ 42-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، جۇڭگو كۆپ ئاۋاز بىلەن 1-تۈردىكى ئەزا دۆلەتلىككە ئۇدا سايلانغان. بۇ، 2004-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى كېڭىشىگە 8-قېتىم 1-تۈردىكى ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلىنىشى.

خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى كېڭىشى خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا مەسئۇل بولىدىغان دائىمىي ئاپپارات بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەزا ئۈچ تۈردىكى دۆلەت ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېلەت تاشلاپ سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-تۈردىكى ئەزا دۆلەتلەر ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى جەھەتتە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ