ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ

2025.09.29 14:29 مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت تەسىس قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىدۇ.

شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ