شۇ جاي ۋاقتى 27-چېسلا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى تامىل ناد ئىشتاتىدىكى بىر مەيدان سايلام رىقابىتى يىغىلىشىدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 27-چېسلا كەچ سائەت 11 گىچە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 گە يەتكەن بولۇپ، سەككىز بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، يىغىلىش نەق مەيدانىغا تەخمىنەن 30 مىڭ ئادەم يىغىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، دەسسىلىش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 45 مىنۇتلار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. يىغىلىشىغا قاتناشقان زور بىر تۈركۈم كىشىلەر سەھنىگە قىستىلىپ چىققان، بىر قىسىم كىشىلەر يولدىكى توسۇققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەن، ئارقىدىنلا دەسسىلىش يۈز بەرگەن. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئادەم سانى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، زىيادە قىستاڭچىلىق كۆرۈلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سىياسىي يىغىلىشنى شۇ جايدىكى بىر داڭلىق ئارتىس ئۆزى قۇرغان پارتىيەنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلامغا قاتنىشىشىغا ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان.
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.