گۇڭئەن مىنىستىرلىقى پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىغا مەملىكەت بويىچە «گۇڭئەن نەمۇنىچىسى» دەپ نام بەردى

2025.09.28 16:25 مەنبە: خەلق تورى

گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ، تىكلەپ، تەشۋىق قىلىپ، ساقچىلارنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىغا مەملىكەتلىك «گۇڭئەن نەمۇنىچىسى» دەپ نام بەردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئېلان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى ۋە كەڭ گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلاردىن گۇڭئەن نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، سادىقلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جەڭگىۋار روھنى تاۋلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى تەۋەلىكىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ھازىر 50 خەلق ساقچىسى بار، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش. ساقچىخانا قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرانى قوغدىغۇچى خەلق ساقچىلىرى ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ %50 ىگىمۇ يەتمەيدىغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا «مەنزىلى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئەسلىي مەقسىتى ئېگىزلىكتىنمۇ قىزىل، جاسارىتى تاشتىنمۇ قاتتىق» بولۇشتەك تەسىرلىك داستاننى يازدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ