دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «14-بەش يىل»دىن بۇيانقى جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئاھالىلەرنىڭ كىرىم-چىقىمى مۇقىم ئېشىپ، كىرىم پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىدى.
ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 41 مىڭ 314 يۈەنگە يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 9125 يۈەن ئاشتى؛ باھا ئامىلىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.5 ئەمەلىي ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى؛ شەھەر-بازار، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا 54 مىڭ 188 يۈەن ۋە 23 مىڭ 119 يۈەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.5 ۋە %6.9 ئەمەلىي ئاشتى. مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىچىدە مائاش خاراكتېرلىك كىرىم، تىجارەت ساپ كىرىمى، مال-مۈلۈك ساپ كىرىمى، يۆتكەلمە ساپ كىرىمدىن ئىبارەت تۆت تۈرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %56.5، %16.7، %8.3 ۋە %18.5 بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىم مەنبەسى كۈنسېرى كۆپ مەنبەلەشتى.