دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «14-بەش يىل»دىن بۇيانقى جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق تىلغا دېيىلگەن: ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى.
شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار داۋاملىق ئاشتى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 734 مىليون 390 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 473 مىليون 450 مىڭغا يېتىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 10 مىليون 740 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %64.5 كە يەتتى؛ يېزا-كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 26 مىليون 940 مىڭ كىشى بولۇپ، 26 مىليون 990 مىڭ كىشى ئازايدى، بۇ مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %35.5ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ سۈپىتى ۋە دائىرىسى كېڭەيتىلدى.