

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىلدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى يېپيېڭى قىياپەتكە كىردى. 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى قاتناشتى.
شىنجاڭ خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغانىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا چاقناپ تۇرغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. يىغىن زالىنىڭ ئارقا تەرىپىگە: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گەنجيې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.
ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 70 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىدى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئۇيغۇر ئامما ۋەكىلى ھەمراگۈل ئابدۇل، خەنزۇ ئامما ۋەكىلى گۇ شياڭفېڭ يىغىندا سۆز قىلدى.
خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شۆھرەت زاكىر، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ليۇ جېنلى، شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ