ھەمراگۈل ئابدۇل: ھەربىر تۈپ مايسىنى ياخشى ئاسرايلى، ياخشى پەرۋىش قىلايلى

2025.09.26 16:00 مەنبە: خەلق تورى

9 -ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى تۇڭمېڭ يەسلىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەسلى باشلىقى ھەمراگۈل ئابدۇل ئۇيغۇر ئامما ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىندا سۆز قىلدى.

ھەمراگۈل ئابدۇل مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەربىر تۈپ يۇمران مايسىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ياخشى سۇغىرىپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ