بېيجىڭ داشۆسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، بېيجىڭ داشۆسى بىناكارلىق ۋە مەنزىرە لايىھەلەش شۆيۈەنى ئىجادىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ داشۆسى بويا دوكتور ئاشتى تۈرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كۆزگە كۆرۈنگەن خەلقئارا مەنزىرە لايىھەلىگۈچى، مەنزىرە لايىھەلەش مائارىپچىسى يۈ كۇڭجيەن شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرازىلىيەنىڭ پانتانال رايونىدا ئېكولوگىيە تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى 62 يېشىدا قازا قىلغان.
9-ئاينىڭ -كۈنى، بېيجىڭ داشۆسى بىناكارلىق ۋە مەنزىرە لايىھەلەش شۆيۈەنى، بېيجىڭ داشۆسى شەھەر ۋە مۇھىت شۆيۈەنى مۇسىبەت خەۋىرى ئېلان قىلىپ، پىروفېسسور يۈ كۇڭجيەنگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.
يۈ كۇڭجيەن 1963-يىل 4-ئايدا جېجياڭ جىنخۇادا تۇغۇلغان. 1980-يىلى بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ باغ-ئورمان فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1987-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، باغ-ئورمان لايىھەلەش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. 1992-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان، 1995-يىلى خارۋارد داشۆسى لايىھەلەش ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1997-يىلى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەننىڭ مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، بېيجىڭ داشۆسى شەھەر ۋە مۇھىت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپبېيجىڭ داشۆسى مەنزىرە يىرىك پىلانلاش-لايىھەلەش تەتقىقات مەركىزى، بېيجىڭ داشۆسى مەنزىرە لايىھەلەش ئىلمى تەتقىقات يۇرتى ۋە بېيجىڭ داشۆسى بىناكارلىق ۋە مەنزىرە لايىھەلەش شۆيۈەنىنى باشلامچى بولۇپ قۇرۇپ، «مەنزىرە لايىھەلەش ئىلمى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل زېھنىنى مەنزىرە لايىھەلەش پەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: پىروفېسسور يۈ كۇڭجيەننىڭ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاخىرەتلىك ئىشلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ.