«فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكىغا مۇناسىۋەتلىك! دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: كۆپچىلىك ئارزۇ قىلغان ئاشۇ كۈن ئانچە يىراق ئەمەس

2025.09.26 16:02 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ جاڭ شياۋگاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا «فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكىدا كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ ئۇچۇرۇش ۋە ئاۋىياماتكىغا قوندۇرۇش مەشقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان، بەزى تەھلىللەردە بۇ «فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ھەربىي سەپكە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارالغان. باياناتچى قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاڭ شياۋگاڭ: يېقىندا، قىرغۇچى − 15T، قىرغۇچى − 35 ۋە ھاۋا ساقچىسى − 600 ناملىق ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى «فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكىدا ئېتىپ ئۇچۇرۇش ۋە ئاۋىياماتكىغا قوندۇرۇش مەشقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى، بۇ، «فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئېتىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ھەر خىل تىپتىكى ئاۋىياماتكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاۋىياماتكا سېپى سىستېمىسىغا سىڭىشىشىگە ياخشى ئاساس سېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ سىناق مەشقى پىلان بويىچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئارزۇ قىلغان ئاشۇ كۈن ئانچە يىراق ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ