مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا دائىر ئايلىق سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن جەمئىي 26 مىڭ 838ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 34 مىڭ 480 كىشى (ئۆلكە-مىنىستىرلىق دەرىجىلىك تۆت كادىر، نازارەت دەرىجىلىك 110 كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان، 23 مىڭ 547 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن جەمئىي 13 مىڭ 30ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 17 مىڭ 156 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ساختا ئىش قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش» جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، 10 مىڭ 878 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 14 مىڭ 397 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن جەمئىي 13 مىڭ 808ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 17 مىڭ 324 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق، قىممەت باھالىق ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 7377 سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم تولۇقلىمىسى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسىدىن 1654ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 3213ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.