شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى

2025.09.26 08:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانى سۇنۇلىدىغان مۇھىم تۈگۈن، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. بىرىنچى، ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش − دەۋر ئېقىمى. گەرچە ئايرىم دۆلەتلەر ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئىشەنچتە تەۋرەنمەسلىك، ھەرىكەتنى توختاتماسلىق، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، يەرشارىۋى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش، ھەرگىزمۇ چوڭايتىۋەتمەسلىك كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئازايتىش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېشىل تېخنىكا ۋە كەسىپلەر بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيادا ئەركىن ئوبوروت قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەربىر جايغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلىدى: 2035 - يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو پۈتكۈل ئىقتىساد دائىرىسىدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ساپ مىقدارىنى چوققا قىممەتتىن %7تىن %10كىچە تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ. تاشقاتمىدىن باشقا ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %30تىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ، شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 2020 - يىلىدىكىدىن ئالتە ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ 3 مىليارد 600 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزىدۇ، ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارىنى 24 مىليارد كۇب مېتىردىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يېڭىدىن سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرىدۇ، مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنىڭ ئاساسلىق يۇقىرى بۇلغىمىلىق كەسىپلەرنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىلىماتقا ئۇيغۇنلىشىدىغان جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ، جۇڭگونىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىكى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۈزگەن نىشانى. بۇ نىشاننى تاماملاش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا پايدىلىق ۋە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا مۇھىتقا ئېھتىياجلىق. جۇڭگونىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسى بار. ھەرقايسى تەرەپلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك گۈزەل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىدىن ئىبارەت ئورتاق ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ