شۇنداق بىر سىرلىق تۇپراق بار، تۇتاش كەتكەن مۇزلۇقلار بىلەن پىژغىرىم ئىسسىق قۇملۇق بىللە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، كەڭ يايلاق بىلەن بىپايان چۆللۈك سىمفونىيە ياڭرىتىدۇ، كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى بۇ يەردە راسا پورەكلەپ ئېچىلىپ، بىرلىكتە شانلىق، رەڭدار مۇزىكا سەھىپىسىنى پۈتىدۇ. مانا بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭ!
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدا، تاغ-دەريالار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ يېڭى تۈس ئالدى، بۇ شانلىق يىللاردا بارلىققا كەلگەن شانلىق داستان، بۇ، ھەممە بىر نىيەتتە مۇجەسسەملىگەن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مېلودىيە. مۇشۇ مۇھىم پەيتتە، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەلق گېزىتى يېڭى تاراتقۇسى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىلىق تەشۋىقات فىلىمى «بىزنىڭ شىنجاڭ»نى داغدۇغىلىق ئېلان قىلىپ، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ياخشى شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان قىياپەت بىلەن تېخىمۇ پارلاق، شانلىق ئەتىگە قاراپ مېڭىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!