شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ

2025.09.24 15:27 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ