بېيدوۋ يۇلتۇزى غەربكە يۈزلىنىپ، قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ چىرىلداشلىرى ئاستا-ئاستا پەسەيدى، يۈننەن، گۇيجوۋدىكى پەلەمپەي ئېتىزلاردىن چىنلىڭ تاغلىق رايونىغىچە، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى تۈزلەڭلىكىدىن شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراققىچە، شال، كۆممىقوناق قاتارلىق كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ دېنى تەدرىجىي موللاشتى.
«تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش باشتىن-ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ»، «ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە قىلچە بىخۇدلۇق قىلىشقا بولمايدۇ»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
«14-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى باشتىن-ئاخىر 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى؛ 2024-يىلى ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئاشتى. بۇ يىل، يازلىق ئاشلىقتا تارىختىكى 2-يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى؛ چىلگە شالنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى؛ كۈزلۈك ئاشلىق كۆلىمى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئېشىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى نورمال ياخشىلىنىپ، يېڭى بىر پەسىللىك مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئاساس، شارائىت ھازىرلاندى.
يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن تەمىنلىدى. ئالتۇن كۈزدىكى ئېتىز-دالىلارغا كىرگەندە، مول ھوسۇللۇق جۇڭگونىڭ رەڭدار تۈسىنى، چوڭ دۆلەت ئاشلىق ئامبىرىنىڭ موللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
مول ھوسۇل تەمىنى تېتىش
مول ھوسۇلنىڭ تەمى قانداق؟
«ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئاشلىق ئامبىرى» خېنەندە، ئاشلىق تېرىغۇچى چوڭ ئائىلە ھېسابلىنىدىغان سۈي لىۋۇ كۆممىقوناقلىرىنى سويغاندا خۇشپۇراق ھېدى دىماققا ئۇرۇلاتتى.
لوخې شەھىرى لىنيىڭ ناھىيەسىنىڭ سەنجياديەن بازىرى سۈيجۇاڭ كەنتىدە، سۈي لىۋۇ ئۆز ئۆيىنىڭ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ، پات ئارىدا «مۇقىملىشىدىغان» مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا:«بۇ شېرىن تەم جان تىكىپ ئىشلەشتىن كەلگەن!» دېدى.
200 موغا يېقىن يەردىكى بىر پەسىللىك بۇغداي، بىر پەسىللىك كۆممىقوناقتا، بۇ يىل سۈي لىۋۇ ئىزچىل قۇرغاقچىلىق بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
يازلىق ئاشلىق تېرىشتا ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئاز يامغۇر بۇغداينىڭ دان تۇتۇش مەزگىلىنىڭ قىسقىراپ، پىشىش مەزگىلىنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى. سۈي لىۋۇ مۇنداق دېدى: «بۇغداي ئورۇش ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، پەقەت ئادەم كۈچىگە تايىنىپلا ئورۇپ بولغىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ ياخشى بازارنىڭ ئون نەچچە كومبايىننى ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇغدايلارنى تېز يىغىۋالدۇق، ئۈنۈمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.»
كۈزلۈك ئاشلىق تېرىشتا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى داۋاملاشتى، سۈي لىۋۇ كۆممىقوناق يوپۇرمىقىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سارغىيىپ سولىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پەيتتە، خېنەن «ئاشلىقنى قوغداش جېڭى»نى باشلىدى: ئېتىزلاردا پۈركۈپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرى كېچە-كۈندۈز ئۈزۈلمىدى؛ سۇ ئامبىرىدىن سۇ يۆتكەپ كېلىنىپ، سۇ ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا يەتكۈزۈلدى. سۈي لىۋۇنىڭ ئېتىزىدىكى زىرائەتلەر يېقىن ئەتراپتىكى ۋۇلىخېدىن تارتىلغان سۇ بىلەن سۇغۇرۇلدى. كۆممىقوناق دان تۇتقاندىن كېيىن، ئېتىزغا تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىنچىكە سۇ ئېقىنى ئېرىشچان ئوغۇت بىلەن بىللە ئېقىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى كۆممىقوناقنىڭ يىلتىزىغا دەل جايىدا يەتكۈزۈلدى.
قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مول ھوسۇل ھېساباتىنى ئىنچىكە قىلغاندا: بۇ يىل بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 1100 جىڭدىن ئاشتى، كۆممىقوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 1200 جىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەندى، ھوسۇلى ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.
ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مول ھوسۇل ئېلىش بۇ يىللا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس. 2021-يىلى ئېغىر كۈزلۈك كەلكۈن دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا كۈزگى بۇغداينىڭ كەڭ كۆلەمدە كېچىكىپ تېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ 2023-يىلى خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى ئاز كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇرغا دۇچ كەلدى؛ 2024-يىلى ياز پەسلىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر، قارىئۆرۈك يامغۇرى ياغدى، كۈز پەسلىدە قاتتىق قارا يامغۇر يېغىپ، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى چىقتى ... ناچار ھاۋارايى دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بارغانسېرى زور ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلگەندە، يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، نېمىگە تاياندۇق؟
سىياسەت تېخىمۇ قاتتىق يادرولۇق رول ئوينىدى، مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئۇدا كۆپ يىل دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش باش ئورۇنغا قويۇلدى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇپ باھالاشنىڭ «قوماندانلىق تايىقى»لىق رولى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلدى، مەركەز مالىيەسى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە دەل جايىدا سالدى... يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىن تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەشكىچە، سىياسەت-تەدبىرلەرگە مەركەزلىك كۈچ چىقىرىلىپ، ئاشلىق ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.
«14-بەش يىل»دىن بۇيان، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تەڭپۇڭ رايونلاردا «تاماق قاچىسىنى تەڭ تۇتۇش» يولغا قويۇلدى، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىدە يىلمۇيىل ئېشىش ساقلاندى، 2024-يىلى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئىچىدە 26 ئۆلكىنىڭ ھوسۇلى ئاشتى، ئومۇمىي ھوسۇل تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 74 مىليارد جىڭ ئاشتى.
ۋەزىيەتكە ماسلىشىشچان، ئېلاستىك بولغان مۇھىم دېھقانچىلىق پەيتىدە مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، كەسىپ مۇتەخەسسىسلىرى مۇلازىمەت ئۆمىكى ۋە پەن-تېخنىكا شۆبە ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. شەندۇڭ ئاشلىق ئامبىرىدا مول ھوسۇل ئېلىش بويىچە «بىخەتەرلىك قۇلۇپى»نى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، شەندۇڭدىكى مېتېئورولوگىيە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بەردى؛ خېبېي ئېتىزلاردا «بىر پارچە يەر تەييار بولسا، بىر پارچىسىنى يىغىۋېلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلەر بويىچە، ھالقىلار بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى ...
ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 1 مىليارد مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىندى، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى قاتارلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار «ئادەتتىكى ئەھۋال بىلەن جىددىي ئەھۋالدا تەڭ پايدىلىنىدىغان» رايونلاردا يېزا ئىگىلىكى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەركەزلىرى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلىتىمىزدىكى 340 مىليون مو كۈزگى بۇغداي ئىچىدە، پۈتۈنلەي تەبىئەتكە تايىنىپ ئۆسىدىغان بىنەم يەر بۇغدىيى تەخمىنەن %20نى ئىگىلەيدۇ، %80تىن كۆپرەكىنىڭ سۇغىرىش شارائىتى بار. بۇ يىلدىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق سۇغىرىشتا جەمئىي 57 مىليارد كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلىنىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش، چىلگە شال ئومۇمىي ھوسۇلى ۋە بىرلىك ھوسۇلىدىن ئىبارەت قوش كىرىمنى ئاشۇرۇشنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
مول ھوسۇلنىڭ سۈپىتىگە نەزەر
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باۋچىڭ ناھىيەسىدىكى قارا تۇپراقتا شاللار يەلپۈنۈپ تۇراتتى. نەنيۈەن كەنتىدىكى سۇڭ شىچاۋ شۇ جايدىكى داڭلىق ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، ئۇ ھەر مو يەردىن نەچچە ئون جىڭ ئارتۇق ھوسۇل ئالدى. يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنىڭ سىرى نېمە؟
«شاخ-شۇمبىلار تېخىمۇ ئۈزۈل-كېسىل سېسىپ، يەر كۈچكە تولدى، ھوسۇل تەبىئىي ھالدا ئۆرلىدى. » سۇڭ شىچاۋ بىر سىقىم قارا تۇپراقنى قولىغا ئالدى، يۇمشاق تۇپراق بارماقلىرىنىڭ يوچۇقىدىن سىرغىپ چۈشتى.
باۋچىڭ ناھىيەسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قىش پەسلىدە بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، شال شاخ ـ شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا ئىدى. جۇڭگو شال تەتقىقات ئورنى شىمالىي شال تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇڭ شىچاۋنىڭ 900 مو شاللىقىدا «سوغۇق يەردىكى شال شاخ ـ شۇمبىلىرىنى تولۇق مىقداردا ئۆز ئورنىدا ئېتىزغا قايتۇرۇپ، ئاستا قويۇپ بېرىدىغان، كۆپ ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال تېخنىكا» قوللىنىلغان بولۇپ، ئەتىيازدا مايسا تىككەندىن كېيىن، بىرىكمە مىكرو ئورگانىزملىق باكتېرىيە ئوغۇتىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شاخ ـ شۇمبىلارنى 70 كۈندىن 90 كۈنگىچە ئېتىزدا پارچىلاشقا ياردەم بېرىلگەن.
ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېكولوگىيە تەڭ تۇتۇلۇپ، داڭلىق ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. «ھەر مو يەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 20 ئازوتلۇق ئوغۇت ئاز بېرىلدى، شالنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ياخشى بولغاچقا، مايسا تولۇقلاشنىڭ ئاساسەن ھاجىتى قالمىدى. يىغىنچاقلىغاندا، بىر مو يەردىن 20 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېجەپ قالدۇق. » سۇڭ شىچاۋ مۇنداق دېدى: مەن بىرقانچە ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇم، «يېشىل ئېكولوگىيەلىك گۈرۈچنىڭ ھەر جىڭىنى ئىككى موچەن ئەتراپىدا ئارتۇق ساتالايمەن».
ھەربىر تال ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش بارغانسېرى روشەن ئېكولوگىيە ئاساسىي رېڭىنى ئەكس ئەتتۈردى.
يەر تېخىمۇ ساغلام «كۈتۈنۈلدى».شەرقىي شىمالدا، قارا تۇپراقنى قوغداش خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق ھەرىكىتى پىلانى يولغا قويۇلغان كۆلەم 112 مىليون مودىن ئاشقان بولۇپ، شامال، سۇنىڭ يالىشىنى ئازايتىش، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاشتىن زىرائەت ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، مەشغۇلات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكىچە ئۈنۈمى سىجىل كۆرۈنەرلىك بولدى؛ جەنۇبتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەردە كىسلاتالاشقان تېرىلغۇ يەر 7 مىليون 200 مىڭ مو قېتىمدىن ئارتۇق تۈزەلگەن بولۇپ، تۈزەلگەندىن كېيىن تۇپراقنىڭ pH قىممىتى 0.5 ئۆستى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى % 10 ئەتراپىدا ئاشتى.
ئاشلىقنى تېخىمۇ ساغلام «يېيىش» كېرەك. «بىز ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددىسى، كىسلاتالىق-ئىشقارلىق دەرىجىسىدىكى پەرقكە قارىتا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكىتلىرىنى تۇپراقتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەڭ ياخشى بولغان ئازوت، فوسفور، كالىي نىسبىتىنى ئانالىز قىلىپ بېكىتىپ، ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بىرىكمە ئوغۇت زاكاز قىلدۇق» دېدى جۇڭخۇا خىمىيەۋى ئوغۇت چەكلىك شىركىتى يول ۋە ماسلاشتۇرۇش كەسپى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شۇەي.
مول ھوسۇل سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەن ـ تېخنىكا تىرىكىدىن بولدى.
يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى يۇڭچۇەن، لياڭپىڭدىكى شال ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەكلىرىنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى بىردەك 800 كىلوگىرامدىن ئاشتى. «ئىلگىرى، بىز پەن تەتقىقات تەجرىبە ئېتىزى ياكى ئايرىم شارائىتى بىرقەدەر ياخشى ئېتىزلاردا شالنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 800 كىلوگىرامدىن ئاشۇرغانىدۇق. بۇ قېتىم 100 مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلىكى ھەم 10 مىڭ مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلىكى يادرولۇق رايونى بولۇپ، نۇرغۇن نۇقتىدا 800 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بۇ، بىزنىڭ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىمىزنىڭ كۆپ يىل توپلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى چۇڭچىڭ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا باش پونكىتى ئاشلىق-ياغ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى فاڭ لىكۇي.
تەجرىبە ئېتىزىنىڭ نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېتىزنىڭ ئەمەلىي ھوسۇلىغا ئايلانماقتا. 2024 ـ يىلى، مەملىكەت بويىچە ئاشلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 394.7 كىلوگىرامغا يېتىپ، «13 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن 12.5 كىلوگىرام ئاشتى، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى% 80 تىن ئاشتى.
تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىلار مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرەك بولدى: «بۇلۇت» تېرمىنالىدا، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقلار چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يەر تېرىشنى تېخىمۇ «رەقەملەشتۈرۈش»كە ئىگە قىلدى؛ ئېتىز باشلىرىدا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق شال، ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي، ياغلىق دان تەركىبى يۇقىرى، يۇقىرى ھوسۇللۇق، دادۇر قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم سورتلار يېتىشتۈرۈلۈپ، چوڭ قۇرۇلمىلىق كومبايىن، تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان سېيالكا قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق زىچ تېرىش، بىر پۈركۈپ كۆپ خىل ئىلگىرى سۈرۈش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تېخنىكىلىرى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. ..
ھازىر، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى% 63.2 كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان كۈچلۈك موتور ۋە تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
مول ھوسۇل مىقدارىنى دەڭسەش
ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭتەي ناھىيەسى يۆجاڭجى بازىرى ليۇيۈەن كەنتىدە، 90-يىللاردا تۇغۇلغان يېڭى دېھقان شۈ جياجيا قولىدىكى تەۋرەنمە دەستىسىنى يېنىك ئىتتىردى، ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى.
كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ قىز بىر ئۆلچەملىك «3-ئەۋلاد ئاشلىق تېرىغۇچى». ئالتە يىل ئىلگىرى، شۈ جياجيا ئائىلىسىنىڭ ئاشلىق تېرىش يۈكىنى زىممىسىگە ئالدى. ئۇ پەسىلمۇپەسىل مول ھوسۇل ئېلىش داۋامىدا ماھارىتىنى چېنىقتۇردى.
«كېلەر ئايدا ھوسۇل ئالىمىز، 2000 مو كېلىدىغان ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى زاكاز تالونىدىكى ھەربىر ھالقىنى جەزمەن سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملايمىز، يەنە ناھىيەدىكى يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرىمىز» دېدى شۈ جياجيا. بۇ يىل يازدا، ئۇ مەسئۇل بولغان 160 مو بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 600 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، ناھىيە بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.
يەرنى كىم تېرىيدۇ؟ يەرنى قانداق تېرىيدۇ؟ بۇ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇچ كەلگەن يېڭى تېما، شۇنداقلا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال. «پېشقەدەم ماھىر»دىن يېڭى دېھقانلارغىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئاشلىق تېرىغۇچىلار ئۇدا كۈرەش قىلىپ، مول ھوسۇل جاۋاب قەغىزىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئاشتى.
سالمىقى ئېغىر «جۇڭگو تاماق قاچىسى»غا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شەكلىدىكى ئۆزگىرىش يۈكلەنگەن.
جياڭشى ئۆلكىسى نىڭدۇ ناھىيەسى دۇڭشەنبا بازىرى دابۇ كەنتىدە، ئالتۇن رەڭلىك شاللىقلارغا كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ سىرى يوشۇرۇنغانىدى. بۇ كەنت كۆلەملەشكەن شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش يوللىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك شاللىق سەيلە رايونى بەرپا قىلدى. ..ھەربىر تال ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.
دۆلىتىمىز جەمئىي 9 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يۇقىرى ساپالىق دېھقاننى يېتىشتۈردى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلار قاتارلىقلار يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكىتلىرىنى شەكىللەندۈردى، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكىتى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى قاپلاش كۆلىمى 1 مىليارد 710 مىليون مو قېتىمغا يەتتى. يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ سىجىل تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
سالمىقى ئېغىر «جۇڭگو تاماق قاچىسى»غا چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى يۈكلەنگەن.
جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز دۇنيانىڭ %9 تېرىلغۇ يېرى، %6 تاتلىق سۇ بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم نوپۇسنى بېقىپ، 400 مىليون ئادەم تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدىغان ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياخشى يەيدىغان بۈگۈننى كۈتۈۋالدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەر بەش جىڭ دانلىق زىرائەتنىڭ بىر جىڭدىن كۆپرەكى جۇڭگودىن چىقىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن «جۇڭگونى كىم باقىدۇ» دېگەن مەسىلىگە جاراڭلىق جاۋاب بېرىلدى.