ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش

2025.09.24 15:25 مەنبە: خەلق تورى

ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، «يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى 8-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلدى، «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى جايلار شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى بەس-بەستە قانات يايدۇردى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى جاۋيۈەن شەھىرىدىكى چوڭ ئائىلە چېنجيا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە كۈلكە-چاقچاقلار ئۈزۈلمىدى. قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بازار، مەززىلىك تائاملار، ئېسىل يېزا-كەنت مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك خاس پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ئېسىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ ۋە تونۇشتۇرۇلۇپلا قالماي، يېزا ئىگىلىكى گۈللەنگەن، يېزىلار ئىناق، گۈزەل، دېھقانلار بەختلىك بولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ