9-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېقىندا يۈز بەرگەن مەكتەپ تامىقى مەسىلىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جيايى مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق كۈچەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بالىلارنىڭ «يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى قەتئىي قوغدايدۇ.
ۋاڭ جيايى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تامىقىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆرسەتمىسىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە تۈزۈپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپكارلارنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، ئاشخانىنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تاماق نازارەتچىلىكى بويىچەئائىلە باشلىقلىرى كومىتېتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بەلكىم كۆپچىلىكمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، يېقىنقى مەزگىلدە بەزى جايلاردا يەنىلا مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى كۆرۈلدى، بۇ بىزنى يەنە مەخسۇس تۈزەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، سىجىل كۈچەپ، يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئالاھىدە چىڭىتىپ، بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداشقا ئاگاھلاندۇردى.