مۇخبىرنىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيادىكى بىرىنچى ئېگىز كۆۋرۈك − خۇاجياڭ جىلغىسى چوڭ كۆۋرۈكى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (مۇشۇ يەكشەنبە) رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىكەن.
خۇاجياڭ جىلغىسى چوڭ كۆۋرۈكى گۇيجوۋ ليۇجى-ئەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى ئاچقۇچلۇق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2890 مېتىر، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ھالقىش دىيامېتىرى 1420 مېتىر، كۆۋرۈك يۈزىدىن سۇ يۈزىگىچە بولغان ئېگىزلىكى 625 مېتىر، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ھالقىش دىيامېتىرى تاغلىق رايوندىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ ھالقىش دىيامېتىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، كۆۋرۈك ئېگىزلىكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، «توغرىسى ۋە ئۇزۇنىسى» جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ئاتالغان.