قار لەيلىسى يېڭى دەۋردە پورەكلەپ ئېچىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2025.09.24 15:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ غەربىي شىمالىدىكى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان تۇپراقتىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي پەيت −

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ئاچتى.

70 يىلدا بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى، 70 يىلدا مەردانە ئالغا ئىلگىرىلىدى. 1000 چاقىرىمغا سوزۇلغان تاغلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، ھاياتىي كۈچكە تولغان بوستانلىقلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغان قايناق يىللارغا گۇۋاھ بولماقتا.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى ياخشى يايلاق...»

يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقى گۈللەپ ياشنىدى، تۈرلۈك كەسىپلەر گۈللەندى، 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى

− «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك»

سەھەردە، پامىر ئېگىزلىكىدىكى قۇياش نۇرى قارلىق تاغدىن ھالقىپ ئۆتتى. ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدە، چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئالدىراش سىيماسى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

«سىلەر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غەربىي قىسىم چېگرا رايونلىرىغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا رولۇڭلارنى پائال جارى قىلدۇردۇڭلار».

بۇ يىل 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى خۇددى بىر دەستە نۇردەك ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچكە تولدۇردى.

ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا بويىغا جايلاشقان، چۆللۈكتىكى بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلگىرى ئوقۇتۇش بايلىقى كەمچىل بولۇشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن، ئىرادىلىك ياشلار بۇ يەرگە كېلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بىلىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇلار ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.

سىنىپلارغا زامانىۋى ئېلېكتىرونلۇق ھەمتۈرتكىلىك ئېكران ئورنىتىلدى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى... شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

شىنجاڭدىن ئىبارەت ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق زېمىنىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ بىپايان تۇپراقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەلدى.

70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، ئارقىدا قېلىشتىن ئىلغارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت ئامما كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈرەش ناخشىلىرىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىغا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارغا تولۇپ تاشقان سەمىمىي مۇھەببىتى بار.

«شىنجاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىلغا ئالسام، جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەن جېجياڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، جېجياڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا شىنجاڭدىكى يولداشلار بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە مۇھاكىمە قىلغانىدىم. 2003 - يىلى 8 - ئايدا، مەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭدا سەككىز كۈن تەكشۈرۈشتە بولدۇم، ئۇ قېتىم بارغان جايلار بىرقەدەر كۆپ بولدى».

2009 - يىلى، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كەلدى، سىيماسى بايىنغولىن، قەشقەر، قاراماي، شىخەنزە، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا قالدى.

«مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، مەن يەنە شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغانىدى.

مانا مۇشۇنداق غەمخورلۇق ۋە ئويلىنىش بىلەن، 2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى ئىدى.

ئايروپىلان شىنجاڭ تەۋەسىگە كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پات - پات ئايروپىلان دېرىزىسىدىن بۇ بىپايان تۇپراققا، كۆز يەتكۈسىز، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلارغا نەزەر سالدى...

«بۇ قېتىم شىنجاڭغا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدىم».

ئۇزۇن يول ئازابى چەككەن بولسىمۇ، سەپەر كۈنتەرتىپى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار قەشقەردىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگىچە، ھەربىي رايوندىكى قىسىملاردىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىلىرىغىچە، بىڭتۇەن ئورگىنىدىن تۇرۇشلۇق مېھمانسارايغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

«شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك».

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، خەلق داھىيسى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندى.

«شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا، ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى تەسىرىنى ئېنىق تونۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى ئورنىنى ئېنىق تونۇش كېرەك».

2014 - يىلى 5 - ئايدا، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېچىلغان مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى.

«جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛

«شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» تەلەپ قىلىندى؛

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

«شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.

چوڭقۇر كۆزىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتتى، ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت داۋامىدا بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە دەل جايىدا ئىگىلىشى بىلەن ئوزۇقلانغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىدە «قانداق قاراش، قانداق قىلىش» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دەۋر يۆنىلىشىنى بەلگىلىدى، نىشان ۋە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

نىشان تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، ماھىيەتلىك مەزمۇن تېخىمۇ بېيىدى، يول تېخىمۇ روشەنلەشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىيەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېخىمۇ چوڭ ئەندىزىگە قويۇپ پىلانلىدى ۋە ئالغا سىلجىتتى.

«شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»كە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى − بۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشقا بولغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، شۇنداقلا بۇنىڭغا يەنە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدە مۇجەسسەملەندى.

2022 - يىلى 7 - ئايدا، يازدىكى قۇياش نۇرى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۇپراققا چېچىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئارىسىغا كەلدى.

ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان ... تۆت كۈنلۈك كۆزدىن كەچۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەيەرگە بارسا، شۇ يەر شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى. تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلگەندە يولغا چىقىپ، يۇلتۇزلار چاقنىغاندا قايتىپ كېلىشتىكى مەقسەت شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆپرەك كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

چاۋاك سادالىرى، كۈلكە سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى، نۇرغۇن ئامما تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى قىياپەتنى كۆرۈپ، چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم».

ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر ئۈستىدە ئىزدەندى، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

2023 - يىلى 8 - ئايدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق، ئاچقۇچ دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھەم كۆز ئالدىمىزدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك».

بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلىدى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە بىر مەقسەتتە بولۇپ كۈرەش قىلدى

− «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك»

كېشەك كىران ھەرىكەتكە كېلىپ يۈك ساندۇقلىرىنى يۆتكىدى، پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى توختىماي ياڭرىدى... ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى «جۇڭگودا ياسالغان» مەھسۇلاتلارنى لىق قاچىلاپ، غەربكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىدۇ.

«ئىلگىرى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى بىر ئۆلكە ئىدى، ھازىر <بىر بەلباغ، بىر يول> بولغاچقا، ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ جاي ئەمدى چەت، يىراق جاي بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق بەلباغ، بىر تۈگۈن بەلباغ بولۇپ قالدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، 2022 - يىلى بۇ جايغا كېلىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلاندى.

ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە دېڭىز - ئوكياندىن ئەڭ يىراق بۇ شەھەر «يول + تۈگۈن + تور» زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

«شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك.» يېڭى دەۋردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۇ گۈزەل، مۇنبەت تۇپراققا نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقتى.

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، ئۆزگىچە ئائىلىۋى مېھمانخانىلار، خاس يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆرۈپ تۈگىتەلمەيمىز، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، ھەممە جاي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

«بۈگۈن مەن ئالايىتەن ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسىغا كېلىپ كۆرۈپ باقتىم.» 2014 - يىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەھەردە قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە قەشقەر شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىغا كەلدى.

خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تۈرلۈك جابدۇقلارنى تەپسىلىي كۆردى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەقلىدىي مانېۋىرنى كۆردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

«شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.» 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، قانۇن بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىلدى ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈلدى؛ تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى... بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، چوڭ - كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە خاتىرجەملىك، ئىناقلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقىنى ئويلىساملا، ئىنتايىن تەسىرلىنىمەن.» سەككىز يىل ئىلگىرىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاشۇ مىنۇتلار تىلغا ئېلىنسا، بۇ، رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. ئۇ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «قۇربان تاغا» قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى.

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆتىدۇ» «سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»...

2017 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە ھەربىر سۆز چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېگەن ئاشۇ سۆزى بۇرۇنلا كۆپچىلىكنىڭ قەلب قاتلىمىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى −

چۆچەك شەھىرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە، «قوشنىلار بايرىمىدىكى 100 ئائىلىلىك زىياپەت» قاتارلىق پائالىيەتلەر قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش ئىللىق مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى نۇرغۇن دۇكانغا «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەپ نام قويۇلدى؛ غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شۇئار كوچىسى مەھەللىسىدە، ھەر مىللەت ئامما ھەربىر سۆز، ھەربىر ھەرىكىتى ئارقىلىق «ھەممىمىز قەلبداش، ئالتە شۇئار كوچىسىدا بىللە تۇرىمىز» دېگەن سۆزنى ئىزاھلىماقتا...

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى زىچ چۆرىدىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش - بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەقىقىي ھەل قىلدى.

16 بەگلىك دەۋرىدىكى تام رەسىملىرى AR كۆزەينىكىدە قايتا جۇلالاندى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «توقاچ شاپتۇل ئۈچ مىڭ يىلدا مېۋە بېرىدۇ» دېگەن بېغىشلىمىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ... تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى يارغول تاش غارى بۇ يىل رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.

مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر گۇۋاھ بولدىكى، 2022 - يىلى تومۇز ئىسسىقتىكى 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي چوڭ يولنى بويلاپ، قوۋۇقتىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىپ، تارىختىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

«شىنجاڭ تارىخىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش جەريانىدا شەكىللەنگەن تارىخ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىش كېرەك» «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك»... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدىن يارغول قەدىمىي شەھىرىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى سەمىمىي ھېسسىياتقا تولغانىدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ باھار يامغۇرىغا ئايلاندى.

قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نىڭ ۋارىسلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى؛ 2024 - يىلى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن 46 مىڭ 200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلدى؛ «شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخى» كۆچمە مۇزېيى «100 ناھىيە، 1000 يېزا»نى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى... جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال كۈچەپ بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

2021 - يىلى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن مەمەتجان ئۆمەرگە «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تاقاپ قويدى.

«بىرمۇ ئادەمنى نامراتلىقتا قالدۇرمايمەن، بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايمەن!» بۇ، مەمەتجان ئۆمەرنىڭ دەسلەپ غۇلجا ناھىيەسى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا بەرگەن ۋەدىسى. نەچچە ئون يىل تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەش نەتىجىسىدە، نامرات بۇلۇكەي كەنتى ناھىيە بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان «باي كەنت»كە ئايلاندى.

مىللەتلەر رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ.

«شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك» «شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك»... «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارمىدى.

2024 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى، تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، تۆمۈريولدا يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى... «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، «يېڭى» بولۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.

شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

شىخەنزە شەھىرى «جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى شەھىرى.» شەھەر رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى ئاشۇ جاپاغا چىداپ ئىشلىگەن يىللارنى قايتا نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن زىيارەتچى بۇ يەرگە كېلىپ بىڭتۇەن روھىنى ھېس قىلىدۇ.

2022 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇزېيغا كەلدى. 1 - قەۋەتتىكى زالدا، بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپەتتە باش شۇجىغا بىر - بىرلەپ دوكلات بەردى.

«سىلەر جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدىڭلار، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتۇڭلار. بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆپچىلىككە شۇنداق دېدى.

بۈگۈنكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئۈزلۈكسىز شانلىق سەھىپە يارىتىلدى.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئاقسۇ شەھىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كۆرگەزمە زالى تېمىدا «شى جىنپىڭ» دېگەن ئىمزا چۈشكەن ئىككى پارچە خەت بار بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

2002 - يىلى، جېجياڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان يولداش شى جىنپىڭ شىنجاڭ خوتەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جېجياڭ نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان سەككىز رايونغا خەت يازدى. 2007 - يىلى ئەمدىلا شاڭخەيگە يۆتكىلىپ كەلگەن يولداش شى جىنپىڭ بۇ سەككىز رايونغا يەنە بىر قېتىم خەت ئەۋەتىپ، داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەھمىيەت بېرىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى: «پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك».

يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: «ئاساس سېلىش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى نەتىجىلەردە ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80ىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى...

ھەيۋەتلىك تىيانشان، گۈزەل كوئېنلۇن ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدىكى 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. ھەر مىللەت ئامما كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش دەۋر يېڭى ناخشىسىنى قول تۇتۇشۇپ ياڭراتتى.

مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تىيانشاندا ھەممىلا جاي باھار تۈسىگە كىردى

− «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك»

قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە كەڭ، پاكىز ئاسفالت يوللار تۈپتۈز سوزۇلغانىدى، قاتار كەتكەن پاكىز، رەتلىك دېھقانلار ھويلىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەنىدى...

«مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر».

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى. ئاددىي ئەمما جاراڭلىق سۆزلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە چەكسىز ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

ئەينى چاغدا كوناشەھەر ناھىيەسى تېخى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاياغمەنگەن كەنتىدىلا كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 2014 - يىلىدىكى 100 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەسلىكتىن 2 مىليون 560 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 يۈەندىن كۆپرەك بولۇشتىن 20 مىڭ 600 يۈەنگە كۆپەيدى.

ئەينى يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشقان ھويلىدا «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇ دەل پۇقرالارنىڭ ئەڭ سەمىمىي قەلب ساداسى: پارتىيەگە ئەگەشسەكلا، ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىمىز!

ھەممە ئائىلىلەردە يانغان چىراغلار «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەكس ئەتتۈردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ھال - ئەھۋالى باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئىدى.

«يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار» «ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى سەمىمىي غەمخورلۇقى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېنىق ئېسىدە −

بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن مۇڭداشتى، داۋالىنىش، مائارىپ توغرىسىدا پاراڭلاشتى؛ بالىلار ئاۋاز بىلەن ھېسسىيات ماسلاشقان ھالدا يادلاپ بەرگەن قەدىمكى شېئىرلارنى ئاڭلىدى... مەھەللە كوچىسىدا ئاھالىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئورىۋېلىشتى، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

«باش شۇجى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.» 70 ياشتىن ئاشقان ئابلەت تۇرسۇن ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئەسلىگىنىدە، ھېلىھەم چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

مەھەللە، يېزا - كەنتلەردىن قوي - كالا قوتىنى، مېۋىلىك باغلارغىچە، يەنە ياتاق ئۆي، ئاشخانا ئۆيلەرگىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى قەدەم ئىزلىرى پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ھەربىر كىچىك ئىشلارغا خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن.

تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى ئاخىرقى ھېسابتا پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى خەلققە چىڭ تايىنىدۇ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى كۆزلەيدۇ.

2024 - يىلى شىنجاڭ بويىچە %77تىن ئارتۇق مالىيە چىقىمى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سەرپ قىلىندى؛ شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئايرىم - ئايرىم %5 ۋە %12 ئۆستۈرۈلدى، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 8 مىليارد 564 مىليون يۈەن تارقىتىلدى؛ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 836 مىڭ 800 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ پاكىز ئىسسىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى...

مائارىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ئۇنىڭغا مىللەتنىڭ كەلگۈسى، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.

دەل يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى بولغاچقا، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇراتتى، زامانىۋى مەكتەپتە ھەممىلا جاي چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

ئازادە، يورۇق مەكتەپ بىناسى تېمىدىكى بىر پارچە خاتىرە سۈرەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بالىلارنىڭ تەبەسسۇمى 2014 - يىلىدىكى باھاردا ئادەتتىن تاشقىرى جىلۋىلەنگەنىدى.

«چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلغۇڭىز بار؟»

«ئوقۇتقۇچى بولىمەن.»

كەسكىن، جاراڭلىق دىيالوگلار 11 يىللىق زامان - ماكاندىن ھالقىپ، خۇددى سىنىپتا ھازىرمۇ ياڭراۋاتقاندەك قىلاتتى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى يىللاردىكى بۇ بالىلار مامكاپنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بىپايان تۇپراقتا يىلتىز تارتتى، چېچەكلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇنبەرگە چىقىپ، قولىغا بور ئېلىپ ئىلىم روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدى؛ بەزىلىرى ئاق خالات كىيىپ، كەنت داۋالاش ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قوشنىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى...

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭرىدى، يىپەك يولىدا ئۇستاز ئەجرى مول مېۋە بەردى.

«ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە نېمىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭدا دەل سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.» 2022 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكىتىدە شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ، بىر قاتار چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى قىلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 1893 يەسلىنىڭ يەسلى باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 24 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ساپ كۆپەيدى... ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش گۈزەل كەلگۈسىگە تىرەك بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىدى.

ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. ئېكولوگىيە - مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى خەلق ئاممىسى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالساق، مىڭ چاقىرىملىق يېشىل سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بىر تۈپ قىزىلگۈل كۆچىتىنىڭ قۇملۇققا تىكىلىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى قۇرۇلۇشى بويىچە ئەتراپنى تۇراقلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىغا <يېشىل شارپا> ئارتىلدى.» بۇ يىل 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجىنى تىلغا ئالدى.

يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ھازىرقى زامان پىلانى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك پىلان. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېشىللىق يېڭى ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈردى، كەلگۈسىنى مۇجەسسەملىدى.

«ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى ئىدارە قىلىش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى، «خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى چېتى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېشىللىق قۇملۇققا قاراپ سوزۇلدى، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى قوي - كالىلار ئاسمان بىلەن تۇتاش كۆرۈنىدىغان ياپيېشىل ئوت - چۆپلەرگە ھۆسن قوشتى ... گۈزەل شىنجاڭنىڭ بىر پارچە ئېكولوگىيە مەنزىرىسى ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت دەل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى.

2014 - يىلى، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتى بىر ئالاھىدە مېھماننى كۈتۈۋالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ زالغا كىرىپ، دىنىي زاتلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

«قايسى يىلى رېمونت قىلىنغان؟» «قانچە ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ؟» «بىر قېتىم دىنىي بىلىم سۆزلەشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟» «كېلىدىغان چەت ئەللىك مېھمانلار كۆپمۇ؟»... باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسچىتنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

«بىر خىل مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەن دىنغا ئائىت ئەسەرلەرنى كۆرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن، دىن كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەش جەھەتتە نۇرغۇن ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە، نۇرغۇن پايدىلىق بايانلارغا ئىگە».

«شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭدىكى كەڭ دىنىي زاتلار ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشالايدۇ.» تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى 20 نەپەر دىنىي زات ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ دىنلار ئېجىللىقى، ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار رايىش بولغاندىلا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئاندىن كۈنسايىن يۈكسىلىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئاندىن ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، تالانتلىقلار تىيانشانغا جەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

«ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپسىلەر، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن».

2020 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك ياشلارنى چېگرا رايونغا بېرىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

تەجرىبىخانىدىن ئېگىزلىككىچە، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىدىن بۇلۇت تېرمىنالى چارۋىچىلىق مەيدانىغىچە ... كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلغان، ئىشقا ئورۇنلاشقان ياشلار توپىدىكى ئادەم سانى جەمئىي 100 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە %90تىن كۆپرەكى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت كادىرلار ئۈمىدنى يەردە قويماي، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتتى، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشتى.

2024 - يىلى 9 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى كىشىنى ئىلھاملاندۇردى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

«شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەش كېرەك» «مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك» «شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك»...

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار. پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا پوزىتسىيەسى ئالاھىدە كەسكىن، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتا مەيدانى ئالاھىدە روشەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە مېھىر - مۇھەببىتى ئالاھىدە سەمىمىي بولغان كادىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى يېڭى دەۋرنىڭ داغدام يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

قەدىمىي يىپەك يولى يېڭى تۈسكە كىردى، مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تىيانشاندا ھەممىلا جاي باھار تۈسىگە كىردى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل، شانلىق تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.

(مۇخبىرلار لى زىلياڭ، لو شا، خې جۈن، ۋاڭ پېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ