8 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

2025.09.24 15:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تىرىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشنى تەكىتلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، بىز قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، يازلىق ئاشلىقتا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇردۇق، چىلگە شال ھوسۇلىنى ئاشۇردۇق، ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پائال مەدەت بېرىپ ۋە قاتنىشىپ، تىرىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ