«شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.09.24 15:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق قەلبىگە تۇتىشىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پارتىيەنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، جەمئىيەت ئىشلىرى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئاممىسىغا پائال ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشتە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» ئالتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭدا جەمئىي 224 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2025 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 160 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ