گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.
ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا ئون قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى - تەجرىبىلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش شانلىق مۇساپىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ماس ئورتاق ئىلگىرىلىدى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى قاتارلىقلار.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇملۇقى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆزىتىپ، پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، چېگرا رايوندا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مۇقەررەر ئۇلۇغ كۈچنى داۋاملىق نامايان قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولى چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ شانلىق ۋە پارلاق بولىدۇ.
گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گاڭ ئاق تاشلىق كىتابقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى. بۇ ئىلمىي تەدبىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بىز باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتۇق، ئومۇملاشتۇردۇق، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. بىز باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇردۇق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى سىجىل كۈچەيدى. بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق. 2024 - يىلى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2012 - يىلىدىكىدىن %11.6 ئېشىپ، 13 مىليون 910 مىڭ كىشىگە يەتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۈرلۈك داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى 19 مىڭدىن ئاشتى، شەھەر - بازار ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا 43 مىڭ يۈەن ۋە 19 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بىز باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتىمىز!
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋاڭ گاڭ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۆرىدەپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.