يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «< 14-بەش يىل > لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، تۈرلىرى تولۇق، رىقابىتى تولۇق بولغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بازارلىرى، مەھسۇلات سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى زور دەرىجىدە ئۆستى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى تەرتىپلىك تۈگىتىلدى، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكى ساقلاندى، پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
بانكا كەسپى، سۇغۇرتا كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادنى يېڭىدىن 170 تىرىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى
ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش پۇل مۇئامىلىنىڭ بۇرچى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز قوللاش خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل سىياسىتى رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، يولغا قويۇش ۋە يەتكۈزۈشنى تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى پۇل مۇئامىلىدىكى «بەش چوڭ ئىش»نى ياخشى ئىشلەپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللىدى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قەرز پۇلى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلى، يېشىل قەرز پۇلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %20 تىن ئاشتى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بانكا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 470 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى؛ پاي چېكى، زايوم بازىرىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى؛ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى ئۇدا 20 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. كۆپ يوللۇق، كەڭ دائىرىنى قاپلىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خەلق پۇلى چېگرا ھالقىما چىقىم-راسچوت تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، كۆچمە چىقىم قىلىش خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى.
پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يۈنزې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل كېڭەيدى، ھەممە يېزىدا تور نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ھەممە كەنتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ بانكا كەسپى، سۇغۇرتا كەسپى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل، زايوم، پاي ھوقۇقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى يېڭىدىن 170 تىرىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. پەن تەتقىقات تېخنىكا قەرز پۇلى، ياسىمىچىلىق كەسپىگە بېرىلگەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل، ئۇل ئەسلىھە قەرز پۇلى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %27.2، % 21.7، % 10.1 ئاشتى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 36 تىرىليون يۈەن بولۇپ، «13-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىنىڭ 2.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، ئۆسۈم نىسبىتى ئىككى پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. سۇغۇرتا كەسپى جەمئىي 9 تىرىليون يۈەن تۆلەم بەردى، بۇ «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكىدىن %61.7 ئاشتى، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى دېھقان ئائىلىلىرىنى 800 مىليون ئائىلە قېتىم خەۋپ-خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، سودا ياشانغاندا كۈتۈنۈشى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى جۇغلانما تەييارلىق فوندى 11 تىرىليون يۈەنگە يەتتى.
جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ چىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«كاپىتال بازىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشىدا < سۈرئەتنى تېزلىتىش > ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىدىن پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ياكى پەن-تېخنىكا تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى كارخانىلار بولدى. يېقىنقى بەش يىلدا، دۆلىتىمىز سودا ئورنى بازىرىدىكى پاي چېكى زايومى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ جەمئىي 57 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى %31.6 كە يېتىپ، «13-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.
تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ خېشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«< قانچە سەمىمىي بولغانسېرى شۇنچە قولايلىق بولىدىغان > تاشقى پېرېۋوت مۇلازىمەت مۇھىتى تېخىمۇ ئەلالاشتى.» «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى بانكىلارنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىشىنى قوللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇيرۇق بىلەنلا كەسىپ بېجىرەلەيدىغان كارخانا سانى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى سودا تاشقى پېرېۋوت كىرىم-چىقىم تىزىملىكىنى تىزىملاش قاتارلىق مەمۇرىي ئىجازەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى، تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت كەسپى سانى %70 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تۈرىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئالماشتۇرغىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چېگرا ھالقىغان ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشتا ئاپپارات مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈزۈمى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە بازارغا كىرىشىنى ئاساس قىلغان چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى شەكىللەندۈرۈلدى، چېگرا ھالقىغان قەرز ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە تولۇق ساھەلىك ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى.
A پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، قۇدرەتلىك مەركىزىي بانكا قۇرۇش يېڭى دەۋردە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. پەن گۇڭشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «14-بەش يىل»مەزگىلىدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى دىققەتنى پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىياتچانلىق سىياسىتىدىن ئىبارەت قوش تۈۋرۈكلۈك تەڭشەش-تىزگىنلەش رامكىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل قىممىتى مۇقىم بولۇش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت قوش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركىزىي بانكا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى.
«دۇنيادىكى 1000 كۈچلۈك بانكا ئىچىدە، 143 جۇڭگو مەبلىغىدىكى بانكا تىزىملىككە كىردى، ئالدىنقى ئون ئورۇن ئىچىدە دۆلىتىمىز ئالتە ئورۇننى ئىگىلىدى.» لى يۈنزې مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، بانكا كەسپى، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 500 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، بەش يىلدىن بۇيان يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 9 ئاشتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ۋە 2-چوڭ سۇغۇرتا بازىرىدىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ھاۋالە، مالىيە باشقۇرۇش، سۇغۇرتا مۈلۈك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى باشقۇرىدىغان مۈلۈك 100 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، كۆلىمى «13-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن بىر قاتلاندى.
كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان، پەرقلىق بولغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. چوڭ تىپتىكى ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق ۋە تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى، ئوتتۇرا، كىچىك ئاپپاراتلار شۇ جايغا مۇلازىمەت قىلىشتا، خاس تەرەققىياتتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
بازار سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ ئاكسىيە سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسسىس قىلىپ ھەم يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۈچ بۆلەكنىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ يىل 8-ئايدا، A پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. سودا ئورنىنىڭ زايوم بازىرىدىكى مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللاشتى، ئاشكارا توپلانغان (REITs كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە فوندى )، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زايومى، مۈلۈكنى ئاكسىيەلەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىلغان تۈرلەر تېز تەرەققىي قىلدى. پۈتۈن بازاردىكى زاكاز مال، قەرەللىك ھوقۇق تۈرى 157 گە يېتىپ، خەلق ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق كەسىپ ساھەلىرىنى قاپلاپ، كەڭ كۆلەملىك قەرەللىك مال سودا ئورنى تەسىس قىلىنىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى قاتناشتى.
خەلقئارا كىرىم-چىقىمنىڭ يۈرۈشۈشى تېخىمۇ مۇقىم، ساغلام بولدى. تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، مۇقىم راۋاجلاندى، تاشقى ئىقتىساد-سودىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچىيىپ، كۆپ مەنبەلىشىش ئەندىزىسى گەۋدىلەندى. «14-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۇقىم ھالدا 3 تىرىليون دوللاردىن يۇقىرى بولدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا 3 تىرىليون 200 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى بولدى. «بىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوبوروتى ۋە قىممىتىنى ساقلاپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىسىدىكى مۇھىم < مۇقىملاشتۇرغۇچ > لۇق ۋە < تۇراقلاشتۇرغۇچ > لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى» دېدى جۇ خېشىن.
چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەرنىڭ قولىدىكى چېگرا ئىچىدىكى پاي چېكى، زايوم، ئامانەت-قەرز پۇلى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.«14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشكە پۇختا قەدەم بىلەن ھەقىقىي قاتنىشىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش دەرىجىسى، تەسىر كۈچى، سۆز ھوقۇقى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
«بىز ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، شاڭخەي-شېنجېن-شياڭگاڭنى تۇتاشتۇرۇش، زايوم ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق ياراتتۇق.» پەن گۇڭشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەرنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پاي چېكى، زايوم، ئامانەت-قەرز پۇلى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ مۈشۈكئېيىق زايومى تارقىتىش كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
نۆۋەتتە، خەلق پۇلى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى كىرىم-چىقىمىدىكى بىرىنچى چوڭ راسچوت پۇلى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچ چوڭ سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلى ۋە چىقىم پۇلىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى پۇل سېۋىتىدىكى سالمىقى جەھەتتە 3-ئورۇندا تۇردى. دۆلىتىمىز كۆپ مەنبەلىك چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقتى، بۇ، خەلق پۇلى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى، سودا بانكىلىرىنىڭ بانكا ئىچى چېگرا ھالقىغان سىستېمىسى، جۇڭگو يىنليەن، جىفۇباۋ، ۋېيشىندا چىقىم قىلىش قاتارلىقلار بەرپا قىلغان چېگرا ھالقىپ پارچە سېتىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز چەت ئەل مەبلىغى پاي كونتروللۇقىدىكى ئاكسىيە، فوند، زاكاز مال ئاپپاراتىدىن 13 نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ جۇڭگوغا كېلىپ كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەستىقلىدى، چەت ئەل مەبلىغى ئىلكىدىكى A پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى 3 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن بولۇپ، 269 كارخانا چېگرا سىرتىدا پېيىنى بازارغا سالدى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 50 چوڭ بانكىنىڭ جۇڭگودا ئاپپارات تەسىس قىلغانلىقىدىن 43 ى، ئەڭ چوڭ 40 سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ يېرىمى جۇڭگوغا كىردى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىپ، تاشقى خەۋپ-خەتەرنىڭ دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بولغان تاشما ۋە زەربىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كەڭ ئامانەتچىلەر، ئوتتۇرا، كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.
«بەش يىلدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان سۈپەتسىز مۈلۈك < 13-بەش يىل > مەزگىلىدىكىدىن % 40 تىن كۆپرەك ئاشتى.» لى يۈنزې مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، ساھەلەردىكى سۈپەتسىز قەرز پۇل، كاپىتال يېتەرلىك بولۇش، تۆلەش ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، بىردەك «ساغلام ئارىلىق»تا تۇرماقتا، ساھەلەرنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى كاپىتال ۋە ئاجراتما تەييارلىق ئومۇمىي كۆلىمى 50 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.
«ئىقتىساد پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۇلى، ئىقتىساد ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەسىلە كۆپ ھاللاردا پۇل مۇئامىلە ئۇچى ئارقىلىق گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ ھەم سىرتقا تېشىپ چىقىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئۆزئارا يەتكۈزۈلىدۇ.» پەن گۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى ماكرولۇق قاتلامدىن ياخشى ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا مەنبەدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.