مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت كوللېكتىپى ۋەكىللىرىگە «دەۋر نەمۇنىچىسى» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلدى.
چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر»نى قوغداش خىزمەت كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىرىدىن مېي مېي، گۇڭ شەن، تاڭ خۇەنرەن، ۋۇ بو، لى فېيبەي، سۈن ۋېنجىڭ، ۋاڭ لى قاتارلىق يەتتە يولداش ئاساسلىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز» دېگەن تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ئىزاھلاپ، قانۇن ماددىلىرىدىن قانۇنچىللىق روھىنى ھېس قىلىپ، قانۇن، قائىدە، ھېسسىياتنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ساھەسىنىڭ جەمئىيەت ئىدار قىلىش ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك تەپتىش ئەمەلدارى، مەملىكەت بويىچە 8-مارت قىزىل بايراقدارى، مەملىكەت بويىچە 1-ماي ئاياللار ئۈلگىسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.
«دەۋر نەمۇنىچىسى»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىرىگە <دەۋر نەمۇنىچىسى> دېگەن نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» تەقدىرنامىسى ۋە گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «دەۋر نەمۇنىچىسى» دېگەن نامنى بېرىش قارارىدا مۇنداق كۆرسەتتى: چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر»نى قوغداش خىزمەت كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىرى ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغداشنىڭ ئۈلگىسى، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى يېڭى دەۋردىكى خەلق تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش روھىي قىياپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىرادىدىن قايتماي خەلققە بەخت يارىتىشتەك سىياسىي خىسلىتىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەقدىرلەش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر»نى قوغداش خىزمەت كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىرىگە «دەۋر نەمۇنىچىسى» دېگەن نام بېرىشنى قارار قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى «دەۋر نەمۇنىچىسى»نى ئۈلگە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى،سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى كادىرلار ۋەكىللىرى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.