يېقىنقى مەزگىلدە جەمئىيەت كەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىغا ئالاقىدار تېمىلارغا قارىتا، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، يېمەك-ئىچمەك ھالقىسىدا ئىشلىتىلگەن ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى ئېنىق كۆرسىتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.