مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، رەسىم سىزىش ئارقىلىق روھ تاۋلاندى. دۆلەت سەنئەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شەندۇڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «يېڭى دەۋرنى ئورتاق سىزىش − دۆلەت سەنئەت فوندى مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 9-ئاينىڭ 19-كۈنى جىنەندە باشلاندى، كۆرگەزمە مۇددىتى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولىدۇ. كۆرگەزمىگە دۆلەت سەنئەت فوندى يىللاردىن بۇيان ياردەم بېرىپ كەلگەن 100 دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسىرى توپلانغان بولۇپ، جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، سىر رەسىم، خەتتاتلىق، تامغا ئويۇش قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ھەيۋەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، دىققەتنى ئىنچىكە، جانلىق تۇرمۇش بايانلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل كۆرۈش بۇلۇڭى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان بەدىئىي ئىپادىلەش ئارقىلىق، كۆرۈرمەن ئۈچۈن يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.