«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، شىنجاڭنىڭ يېڭى كەيپىياتىدىن شادلاندۇق.
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى.
70 يىل زەپەر مارشىدەك ئۆتتى. ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشتىن ھەممە كەسىپلەر گۈللىنىشكىچە، نامرات، ئارقىدا قېلىشتىن كۈنسېرى زامانىۋىلىشىشقىچە، چەت، يىراق، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، 70 يىللىق تەرەققىياتنىڭ شانلىق مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى: 1955-يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندا، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 1 مىليارد 231 مىليون يۈەن ئىدى، 2024-يىلى 2 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
يېڭى دەۋردە، قەدەملەر مەردانە تاشلىنىپ، كۈنسايىن يېڭى مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى.
«شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملىقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنى دۆلەت ئومۇملىقىدا «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە ئىگە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
شىنجاڭدىكى 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، قۇرۇقلۇق مەيدانى دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ بىپايان تۇپراقتا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى!
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۇرغۇزۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭ چېگرا لىنىيەسىگە 47 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى «ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ نۇر-ھارارەت تارقىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىش»قا رىغبەتلەندۈردى.
سەنشىدىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە بولغان ئارىلىق 3000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى يەن زېفېڭ شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى بارغاندا، ئايروپىلاندىن ئاپتوموبىلغا، ئاندىن يېزا-كەنت ئاپتوموبىلىغا ئالمىشىپ، يول بويى ماڭغانسېرى قاقاسلىشىپ كەتكەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، «مائارىپقا ياردەم بېرىش يولى»دا ئۇ ماڭغانسېرى قەتئىيلەشتى، «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى ماڭا ناھايىتى زور ئىلھام بولدى، ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مەن بۇ جايدا داۋاملىق يىلتىز تارتىشنى ئويلاۋاتىمەن.»
بۇ غەمخورلۇق تيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى ئىللىتتى، شىنجاڭدىكى 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
جېجياڭدا ئاساسلىق رەھبەر بولغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، جېجياڭ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە-ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا شىنجاڭلىق يولداشلار بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى؛ 2003-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭدا سەككىز كۈن تەكشۈرۈشتە بولدى؛ مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 2009-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ بەش كۈن تەكشۈرۈشتە بولدى، قەدەم ئىزى يېزىلار، كارخانىلار، مەھەللە، مەكتەپلەردە قالدى ...
ۋاقىت سۇدەك ئۆتتى، مېھىر-مۇھەببەت ئۆزگەرمىدى.
2014-يىل 4-ئايدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ھەربىي رايوندىكى قىسىملاردىن كەنت ئاھالىلىرى قورۇسىغىچە، بىڭتۇەن ئورگىنىدىن تۇرىدىغان مېھمانخانىغىچە ئون قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى، دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى... تۆت كۈنلۈك سەپەر مول مەزمۇنلۇق بولدى. باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ، ھازىرقى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى.»
جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىك، بۇ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم.
ئاساسقا، ئۇلغا، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشان 2-قېتىملىق، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بىردەك ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدىكى «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»نى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»نى « شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»كە كېڭەيتتى.
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان نىشاندا، بېيىتىلغان، كېڭەيتىلگەن تەدبىرىدە يىراق كەلگۈسى كۆزلىنىپ، ئومۇملۇق ئىگىلەندى:«شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ شىنجاڭنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشى.»
ھەم نەزەرىيە ۋە نۇقتىئىنەزەردە يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ھەم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپ بار بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى مەنزىل ئاچتى، يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى.
چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ-ئامان بولىدۇ. 2022-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ پەيتتە، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى بەختلىك ئائىلىدىن يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى مىڭ يىللىق يادىكارلىققىچە، بىڭتۇەندىكى كېۋەزلىكلەردىكى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان كۈمۈشتەك دولقۇندىن خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىگىچە، بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ تۇپراقتا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلدى، قەدىمىيلىك بىلەن يېڭىلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت نامايان بولدى، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت بىر ـ بىرىگە باغلاندى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى باسقۇچتا، باش شۇجى يېڭى تېمىلارنى ئويلاپ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى سۈرەتلەپ بەردى.
«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك»؛
«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك»؛
…………
يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاندا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلىنىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» دەپ يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاندا، «قەلبلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى»نى كۆرگىلى بولىدۇ. 2023-يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە مەخسۇس دوكلات ئاڭلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى −
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش ـ بولماسلىقنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك»؛
شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش: مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش»؛
ئاساسىي قاتلامدىن ئىبارەت شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشتىكى بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك: خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك»؛
چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش: بىڭتۈن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش سىجىل كۈچەش بوشاشماي كۈرەش قىلىش.
ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىلدى، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ئەھۋالدىمۇ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
بىر گۇرۇپپا سانلاردىن تەدبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن «بەخت ھېسابات دەپتىرى»گە نەزەر سالساق: 2024-يىلى، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 30 مىڭ يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 42 مىڭ 800 يۈەندىن كۆپرەك، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 19 مىڭ 400 يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2012-يىلىدىكىدىن 23 مىڭ 800 يۈەندىن كۆپرەك ۋە 12 مىڭ 500 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى. خاس كەسىپلەر ھەممىلا يەردە تەرەققىي قىلدى، چۆل-جەزىرىلەردىكى بوستانلىقلار سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى، رەڭدار مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، شىنجاڭ تۇپرىقى گۈللەپ ياشناپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتماقتا.
تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«پولات كارۋان» ئاسىيا ـ ياۋروپانى راۋان تۇتاشتۇردى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى مەشغۇلات مەيدانىدا، پاراۋۇزلار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يىپەك يولى قەدىمىي يولىنى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭغاندا، لىق يۈك بېسىلغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىككى كۈندە قازاقىستانغا، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە بارالايدۇ.
«< چوڭ سىزما رەسىم > دىن < نەپىس سىزما> غىچە نەتىجىلەر مول بولدى»، «سىلەر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر». 2022-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت كۆزنىكىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە نەق مەيداندا ئىش بېجىرگۈچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى بىر ئۆلكە ئىدى، ھازىر < بىر بەلباغ، بىر يول > بولغاچقا، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ جاي ئەمدى چەت، يىراق جاي بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق جايغا ئايلاندى، بىر تۈگۈن جايغا ئايلاندى».
پىكىر يولى ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ!
ئىلگىرى بىرمەھەل، شىنجاڭ «يول چېكىگە يەتكەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى چېكىگە يەتكەن، سۇ چېكىگە يەتكەن، توك چېكىگە يەتكەن، ئېتىز چېكىگە يەتكەن» چەت، يىراق جاي ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالغا سىلجىتىشغا چوڭقۇر سىڭىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەربىي شىمال چېگرا رايونى ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.
كەڭ ئېچىۋېتىش چوڭ ھالقىش ئېلىپ كەلدى. پورتلار، «ئىقتىساد تومۇرى»، مىڭ يىللىق يىپەك يولى قەدىمىي يوللىرى تۇتاش كەتكەن سودا ئالاقە ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولدى، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن زىچ باغلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. 2022 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا 200 مىليارد يۈەن، 300 مىليارد يۈەن، 400 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، ئۈچ يىلدا 100 مىليارد يۈەنلىك ئۈچ پەلەمپەيدىن ھالقىدى.
زور ھالقىش زور تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.
تەرەققىيات مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش
كېرەك».
ھويلىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ، ئۈزۈم بارىڭىدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى، «ئائىلىمىزنىڭ ئۈزۈمى بەك شېرىن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئۈزۈمدىنمۇ شېرىن.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
2014-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە كىردى. بۈگۈنكى كۈنگىچە باش شۇجىنىڭ ئىللىق سۆزى ئۇنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە: «خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانىدۇر. مەن سىلەرنىڭ پارتىيە سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن».
«مۇشۇ يىللاردا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكىچە، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى خۇددى تاتلىق ئۈزۈمدەك ئارقا-ئارقىدىن مېۋە بەردى!» ئابدۇقېيۇم روزى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تىراكتور ھەيدەش، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن كېيىن، كەنتتىكى تۈرلۈك كەسىپلەر جانلاندى، «ئىشىك ئالدىدىلا قىلىدىغان ئىش بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ!»
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.
شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى؛
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا دېھقان-چارۋىچىلارغا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە بازار تىجارىتى ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى تاپىلىدى؛
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر ـ بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك»...
ھەربىر تاپشۇرۇقنىڭ ئۆزى بىر ھەرىكەت. «ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالمىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش»، دىققەتنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ % 75 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلەتتى.
تۈرلۈك ھەرىكەتلەر، ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر: مائارىپ سېلىنمىسى ئېشىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99 تىن ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛ داۋالاش بايلىقى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلدى، يېزا-بازار شىپاخانىلىرى، كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى % 100 كە يەتتى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىلدى، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» يولغا قويۇلدى...
خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل كۈچەپ ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش نەتىجىسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بەخت مەنزىرىسى ئاز-ئازدىن تەسۋىرلىنىپ، قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندى.
«تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»، «خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك سادالارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك»...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەن كوچا مەھەللىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، قىزىل تاملارغا سايە تاشلاپ تۇراتتى.
مەھەللە مەيدانىدا ئاھالىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى؛ پائالىيەت مەركىزىدە بالىلار بىرلىكتە جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمىدىن دەرس ئاڭلاۋاتاتتى...«بۇ يەردە ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، ئىتتىپاقلىقنى پائالىيەت داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇردى، ئورتاق تونۇشنى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا مۇجەسسەملىدى» دېدى گۇيۈەن كوچا مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن.
گۇيۈەن كوچا مەھەللىسى تىپىك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى مەھەللە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %95 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. «ھويلىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئۆزئارا ئېجىل-ئىناق ئۆتىدۇ، خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، <ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى>.» جاڭ ياۋۋېننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
ئانار گۈلى ئېچىلدى، ھەممە قەلبداش بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى نۇرغۇن سورۇنلاردا كۆپ قېتىم سەمىمىي تاپىلىدى. يەنە 2022 ـ يىلىدىكى شىنجاڭ سەپىرىدە، باش شۇجى شىنجاڭ داشۆسىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىغا كېلىپ، دەرسلىكلەر، تارىخشۇناسلىققا ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى بىر ـ بىرلەپ تەپسىلىي كۆرۈپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «جەزمەن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى.»
نەق مەيداندا ئاڭلاۋاتقان ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر يۈسۈپ ھازىر شىنجاڭ داشۆسى «ئانار گۈلى» جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ياشلار لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەكتەپ، يېزا-كەنت، كارخانا ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزىنىڭ «ياشلارنىڭ تىلى» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سۆزلىدى.
مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى. تارىختىن كەلگۈسىگە، ئەنئەنىدىن زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش، كۆپ مەنبەدىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە، مەدەنىيەتكە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش باشتىن-ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى بولۇپ كەلدى.
يارغول قەدىمىي شەھىرى كېچىلىك ساياھەت تۈرىدە يېڭىلىق يارىتىشتىن مور ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشىگىچە، يەنە شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئېچىۋېتىلىشىگىچە، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىغا گۇۋاھ بولغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرى جانلىق پايدىلىنىلدى، تارىخىي مەدەنىيەت تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە يىلتىز تارتىشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى.
كىشىلەر قەلبى تاغ-دەريالار سەۋەبلىك يىراق بىلىنمەيدۇ.
تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى شىنچېڭ شىمېن كەنتىدە بىر تام رەسىمى بار بولۇپ، قويۇق خۇنەن ئامىللىرىغا تولغان، شياڭشىدىكى شىبادۇڭ كەنتى بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، قويۇق دوستلۇق سىزىپ تۈگەتكۈسىز ئىدى.
3000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئارىلىق ئۇلارنىڭ خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ، ماڭغانسېرى تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىدى. 2020-يىل 9-ئايدا، شىنچېڭ شىمېن كەنتى بىلەن شياڭشىدىكى شىبادۇڭ كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش كەنتى قۇرۇپ، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى تۇنجى تەشەببۇس قىلغان جاي» ۋە «شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن جاي» بىلەن «قول ئېلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
2022 ـ يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنچېڭ شىمېن كەنتىگە كېلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن بۇ ئىللىق سۆز نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.
بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ دېگەن بۇ سۆز ۋەدە، شۇنداقلا چىن ئېتىقاد. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، باش شۇجى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى: «بۇ ئىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بىر قىسىم مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.»
تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 200 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق بايلىقلار سىجىل ئىشقا سېلىنىپ، «ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك» ياردەم بېرىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، جەمئىيەت ئاساسى، سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى، مۇستەھكەملىدى.
بىر خىزمەتنى 20 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزدىكى سالمىقىنى نامايان قىلدى: «پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك.»
20 نەچچە يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى توغراقتەك يىلتىز تارتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە، قان-تەر، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىدى − مېھىر-مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى، يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى!
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى پارلاق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ:
«مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئىشقا ئاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، بىزنىڭ ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىمىز مۇقەررەر غەلىبىلىك ئىشقا ئاشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر يېتىپ كېلىدۇ.»