شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ھازىرقى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. سۆزلىشىش ئەمەلىي، ئاكتىپ، ئىجابىي بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان ئىتتىپاقداشلار. يېقىندا جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى، ئەينى يىللاردىكى ئامېرىكا ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ ھەربىي پارات مۇراسىمىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو خەلقى ئامېرىكا قاتارلىق فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىز قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئاساسىدا، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزسە تامامەن بولىدۇ. بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كوللېكتىپىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى كېڭىشىشىدە باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش روھى نامايان قىلىندى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ نەپكە ئېرىشىدىغان نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپلىك سودىنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ قېتىملىق كېڭىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ TikTok مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ بازار قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇش ئاساسىدا سودا سۆھبىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، مەنپەئەت تەڭپۇڭ بولغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات مۇراسىمى ئىنتايىن قالتىس بولدى. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشسا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك، ياخشى بولغان ئۇلۇغ مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپىنىڭ كېڭىشىپ، TikTok مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.