تەبرىك خەت
جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئادالەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!
دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى، «دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇش، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت شەرەپلىك تارىخنى پۈتتى.
يېڭى مۇساپىدە، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى، «دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇش، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت شەرەپلىك تارىخنى پۈتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئالايىتەن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېڭى مۇساپىدە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە بولۇش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيەلەر تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، «دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇش، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت شەرەپلىك تارىخنى پۈتۈپ چىقتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ - قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئومۇمىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش داۋامىدا كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش داۋامىدا سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، پارتىيەلەر كېڭىشىش داۋامىدا ياخشى چارىلەرنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو يېڭىچە پارتىيەلەر تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا خىزمەت قىلىش، ياخشى خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ يوۋشېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ ئېندى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، چياۋمىنلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە سابىق رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.