شياڭگاڭ ساقچىلىرى: ئالتۇن ئوغرىلاش دېلوسىدا 13 ئادەم قولغا ئېلىندى

2025.09.19 15:10 مەنبە: خەلق تورى

شياڭگاڭ ساقچىلىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە خۇڭكەن ئالتۇن ئوغرىلاش دېلوسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. غەربىي جيۇلۇڭ باش رايونى ئېغىر دېلو گۇرۇپپىسى 3-ئەترىتىنىڭ باش نازارەتچىسى شۈ جۇڭخېڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: ساقچى تەرەپ 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە پۈتۈن شياڭگاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە ئوغرىلىققا ياردەم بېرىش جىنايىتى بىلەن 29 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان جەمئىي 13 ئادەمنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 12سى ئەر، بىرى ئايال. شۇ كۈنى بالدۇراق ۋاقىتتا، شياڭگاڭ ساقچىلىرى شياڭگاڭنىڭ خۇڭكەندىكى بىر ئالتۇن ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە بىر ئوغرىلىق دېلوسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئون ئەرنىڭ بۆسۈپ كىرىپ، تەخمىنەن 65 كىلوگىرام، قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يارايدىغان زىخچە ئالتۇن، كېسەك ئالتۇن ۋە زەر ئالتۇننى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى، يەنە تەخمىنەن 30 مىڭ نەق شياڭگاڭ پۇلىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. دېلو مەلۇم قىلغۇچى ئارقىدىن شىركەت لوبىنىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. تەخمىنەن 50 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قىممىتىدىكى ئوغرىلانغان ئالتۇننىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ