گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 68 مىڭ جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇپ كەلدى

2025.09.19 15:09 مەنبە: خەلق تورى

گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈندىدار سالونىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۇنياۋى ئاممىۋى بخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى (ليەنيۈنگاڭ) 2025-يىللىق يىغىنىنىڭ دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋەزىيىتى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى شۆبە مۇنبىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. جۇڭگو گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىسپانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بىرما، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، لائوس، تايلاند، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق جەمئىي 68 مىڭ جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇپ كەلدى.

جۇڭگو تەرەپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جىنايى ئىشلار جىنايەت قۇرۇلمىسىدا مۇھىم ئۆزگىرىش بولدى، ئەنئەنىۋى جىنايەت توردا تېز يامراپ ئۆزگەردى، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە جىنايەت دۇنياۋى ئاممىۋى ئاپەت ۋە دۇنياۋى زەربە بېرىش-تۈزەشتىكى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىشتە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ