دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2025.09.19 15:05 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

بىرىنچى، فاڭ چيۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىرىنىداد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

رېن خۇڭيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىرىنىداد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئىككىنچى، فەن كۇننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مونتېنېگرودا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

چېن شۈفېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مونتېنېگرودا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئۈچىنچى، سۈن لىنجياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پولشا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

لۇ شەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پولشا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

تۆتىنچى، جياڭ فېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىگېر جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

لۈ گۇيجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىگېر جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ