
يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، سەي چى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە قالتىس نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاتىرىلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
يېقىندا، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خاتىرىلەيدىغان بىر قېتىملىق تەنتەنىلىك ۋە داغدۇغىلىق، ھەيۋەتلىك ۋە مەردانە، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان كاتتا مۇراسىم بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇردى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئېتىقاد، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خاتىرىلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىستىل ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان سىياسىي ۋەزىپىنى قالتىس تاماملىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئۇرغۇپ چىققان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىكىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، پائالىيەتتىن ئۇرغۇپ چىققان ئىشەنچ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، كۆتۈرەڭگۈ روھتىن ياخشى پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى توغرا تارىخ قارىشى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى توغرا تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مىللەتكە رەھبەرلىك قىلىپ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان ئۇلۇغ غەلىبىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىش داۋامىدا كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھېكايىلىرى، تىنچ تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغان مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئوبرازىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇراسىم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر بايان قىلىندى، تەشكىللەش، تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پائالىيەت نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئۇرغۇپ چىققان پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
خاتىرىلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ يى، يىن لى، لى شۇلېي، جاڭ يوۋشيا، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ ۋە ليۇ جېنلى پائالىيەتكە قاتناشتى. خاتىرىلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم خىزمەتچى خادىملار، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، ئامانلىق ساقلاش بىرىنچى سېپىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلار، ئارتىس - خىزمەتچىلەر، پىدائىيلار، مۇلازىمەت - كاپالەت خادىملىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ