
جەنۇبىي ئافرىقا، بېنگال، ھىندونېزىيە، پاكىستان، ئىرېلاندىيە، سىلوۋېنىيە، بىرازىلىيە، كولومبىيە، تۈركىيە قاتارلىق 16 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان «دۇنياۋى قەيسەر كېمە ئەترىتى»نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشتىن باشقا، «دۇنياۋى قەيسەر كېمە ئەترىتى» يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ تەخىرسىزلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. باياناتتا مۇنداق تەكىتلەندى: تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورتاق نىشانى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ